
UYCAST PODCAST
شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل
رىياسەتچى / ئاپتور: ئەركىن تارىم
“شەپقەت ھەمشىرىسى” رىزۋانگۈل ھاشىمنى ئەسلەيمىز بۇ يىل تارىختا “شەپقەت ھەمشىرىسى” دەپ ئاتالغان رىزۋانگۈل ھاشىمنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا دەل 100 يىل بولدى. رىزۋانگۈل ھاشىم
ئاۋاز ۋە ۋىدىيو
<
🎙
Uycast
Podcast Player
🎙“شەپقەت ھەمشىرىسى” رىزۋانگۈل ھاشىمنى ئەسلەيمىز
0:000:00
بۇ قىسىمغا ئاۋاز ياكى ۋىدىيو قوشۇلمىغان.
پودكاستنىڭ تەپسىلاتى
“شەپقەت ھەمشىرىسى” رىزۋانگۈل ھاشىمنى ئەسلەيمىز
بۇ يىل تارىختا “شەپقەت ھەمشىرىسى” دەپ ئاتالغان رىزۋانگۈل ھاشىمنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا دەل 100 يىل بولدى. رىزۋانگۈل ھاشىم 1926-يىلى بۈگۈنكى قازاقىستاننىڭ چېلەك ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 7 ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۈرۈمچىدىكى قىزلار مەكتىپىدە بوغالتىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن غۇلجا پوچتا-تېلېگراف ئىدارىسىدە ئىشلىگەن.
1944-يىلى ئىلىدىكى قوزغىلاڭ غۇلجىغا كېڭەيگەندە رىزۋانگۈل خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ پىدائىيلار سېپىغا قوشۇلغان. قىسقا مۇددەت سېسترا تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇ، جەڭدە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا بېشىغا ئوق تېگىپ شېھىت بولغان. رىزۋانگۈل قەھرىمان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنۇتتۇرماسلىق ئۈچۈن ھەر يىلى دېگۈدەك خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا، ماقالىلەر يېزىلماقتا. تۈركىيە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدە تۈركولوگىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن سەنئەت گۈلەن خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور سەنئەت گۈلەن خانىم رىزۋانگۈل ھاشىمنىڭ ئۇيغۇر ئازاتلىق ئۇرۇشىغا سېسترا سۈپىتىدە قاتنىشىپلا قالماستىن، جەڭگە قاتناشقان پىدائىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ھەرەمباغ ئازات قىلىنغاندىن كېيىن رىزۋانگۈلگە <<17 نومۇرلۇق باتۇرلۇق مېدالى بېرىلگەنلىكىنى، بۇ مېدال رىزۋانگۈلنىڭ شەخسىي پېداكارلىقىنىڭ ئۇرۇش دەۋرىدە رەسمىي خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم بەلگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈلنىڭ ئوبرازى ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر شەخسنىڭ ھېكايىسىدىن ھالقىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەھرىمانلىقى، پىداكارلىقى ۋە ئۇرۇشتىكى رولىنى ئىپادىلەيدىغان كۈچلۈك بىر سىمۋولغا ئايلانغان. رىزۋانگۈلنى گەۋدىلەندۈرۈش پەقەت بىر قەھرىماننى ئەسلەش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارىختىكى مۇھىم ئەمما، تولۇق خاتىرىلەنمىگەن رولىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر.
قاتناشقۇچىلار
رىياسەتچى / ئاپتور: ئەركىن تارىم
ئىنكاسلار (0)
ھازىرچە ئىنكاس يوق. تۇنجى ئىنكاسنى سىز يېزىڭ!
ئىنكاس يېزىش