باش بەت دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق

دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق

بۇ كاتېگورىيەگە تەۋە ئەڭ يېڭى پودكاستلارنى بۇ يەردىن تاپالايسىز.

پودكاستلار

جەمئىي 1 پودكاست
ئۇيغۇر پودكاست 3-قىسىم جاسارەت ئوبرازى

ئۇيغۇر پودكاست 3-قىسىم جاسارەت ئوبرازى

قەلبىنۇر سىدىق : «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتىنى سەپداشلىرىم ۋە  خەلقىم نامىغا ئالدىم        ھازىر گوللاندىيەدە تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىتى، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇ’اۋىن تەپتىشى  قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «پوردېنون ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى»دا «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن ئىدى.         مەزكۇر فىلىم فېستىۋالىدا رېجىسسور دايا كاھان (دايا Cاھەن) تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان ”ماشىنىنىڭ كۆزى“ ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشگەن. بۇ فىلىم قەلبىنۇر سىدىقنىڭ لاگېردىكى ئېچىنىشلىق  سەرگۈزەشتىلىرى  ۋە گۇۋاھلىق بايانلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى  قانداق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى چوڭقۇر پاش قىلىنغان.  بىز &لت؛> پروگراممىسىدا قەلبىنۇر سىدىق خانىم بىلەن  بۇ مەزمۇنلارنى چۆرىدىكەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بىزگە  مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ، مۇكاپاتنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ئەمەس، لاگېرنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن، مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن  كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق پائالىيەتچىلەرگە ۋە ئۆزىنى قوللاپ كېلىۋاتقان  خەلقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، ئۇلار نامىدىن مۇكاپاتنى ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.  ئۇ، شەرقىي تۈركىستان ئازات بولغىچە، زۇلۇمنى پاش قىلىشتىن ئەسلا توختىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى." قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئەسلىدە ئۆزى بىر نەپەر  خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، 2017-يىلى 9 ئاي ئەتراپىدا جازا لاگېرلىرىدا خىتايچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادەم قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىگە شاھىت بولغان ۋە بۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىنسانىي، مىللىي ۋە دىنىي بۇرچ دەپ بىلىپ، چەت’ەلگە چىققاندىن كېيىن 18 دۆلەتتە، بەزى دۆلەتلەردە كۆپ قېتىم شاھىتلىك قىلغان. قەلبىنۇر سىدىق خانىم سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا  بۇندىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتىنى پاش قىلىشقا دامام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەركىن تارىم